سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 41 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېل رىفئەت ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 41 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1999578
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە داۋاملىق جاۋاب قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېل رىفئەت ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان 41 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەردە ئۇجۇقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»