ئانتاليا ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئايرودۇرۇم بولدى
ئانتاليا ئايرودۇرۇمى بۇ يىل يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئۇچۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئايرودۇرۇم بولدى
1998521
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليادا ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ ھاۋا قاتنىشىىمۇ جانلىنىپ كەتتى.
دۆلەتلىك ئايرودۇرۇملارنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئانتاليا ئايرودۇرۇمى 10-ئىيۇن شەنبە كۈنى ئايروپىلان قاتنىشىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.
ئانتاليا ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا ئىچكى لىنىيەلەردە 116، تاشقى لىنىيەلەردە 954 بولۇپ، جەمئىي 1070 ئايروپىلان قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
10-ئىيۇن كۈنى ئانتاليا ئايرودۇرۇمى ئىچكى – تاشقى لىنىيەلەردە جەمئىي 182 مىڭ 113 مېھماننى كۈتۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئانتاليا ئايرودۇرۇمى ھاۋا قاتنىشى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيى ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن.