تۈركىيە سۇداندا مۇھاسىرىدە قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

سۇداندا سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا 15 – ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، تۈركىيە ھازىرغىچە 1961 نەپىرى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 2382 ئادەمنى تارقاقلاشتۇردى.

1997889
تۈركىيە سۇداندا مۇھاسىرىدە قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، تۈركىيەنىڭ سۇداندىن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇچۇردا، «بىز بۈگۈنگىچە 1961 پۇقرامىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 2382 ئادەمنى تارقاقلاشتۇردۇق. تارقاقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىمىزنى قوللىغان بارلىق ئورگانلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ھەر دائىم پۇقرالىرىمىزنىڭ يېنىدا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھەمبەھرىلەنگەن گىرافىكتىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۈركىيە سۇداندىن 1961 تۈركىيە پۇقراسى بىلەن باشقا 24 دۆلەتنىڭ 421 پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 2382 ئادەمنى تارقاقلاشتۇرغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ 1478 ىنىڭ ئېفىيوپىيە ئارقىلىق، 48 ىنىڭ مىسىر ئارقىلىق، 59 ىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، 715 ئادەمنىڭ سۇدان پورتى، 82 ئادەمنىڭ خارتۇم ۋادى سەيدنادىن ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر