ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 6- ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى كۈنىگە 1423 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

1997426
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولغان ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتقا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇ مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1423 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇملار ئارىسىدا بىرىنچى بولغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا ئامستېردام سچىپھول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1341 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئىككىنچى، پارىژ چارلېس دې گاۋللې ئايرودۇرۇمى 1305 ئۇچۇش بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

ئانتاليا ئايرودۇرۇمىمۇ كۈنىگە ئوتتۇرىچە 819 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئەڭ ئاۋات 10 ئايرودۇرۇم قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر