ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىدا رۇسلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى كاخوۋكا توسمىسىدىكى پارتلاشقا تەشكىللىنىدىغان خەلقئارالىق كومىتېت ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ قولىدىغان كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1996743
ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، كاخوۋكا سۇ توسمىسىدىكى پارتلاشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر خەلقئارالىق كومىتېتنىڭ تەشكىللىنىشى مۇمكىنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كومىتېت ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن (2023-يىلى 6-ئىيۇن) ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىدا رۇسلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كاخوۋكا توسمىسىنىڭ پارتلىتىلىشى بىلەن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن، دىنيېپېر دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تېز ئۆرلىگەن ئىدى. نەتىجىدە، يېڭى كاخوۋكا دەرياسى سۇ ئاستىدا قالغان ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى ئاھالىلەرنى شەھەرگە ۋە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان گولوپرىستانسكىي ۋە ئالېسكى رايونلىرىغا تارقاقالاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋەقەدىن كېيىن بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى باشلىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر