يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرغىچە 19 دۆلەتتىن تەبرىك تېلېفونى تاپشۇرۇۋالدى، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى تېلېگرامما تارقىتىپ، ئەردوغاننىڭ قايتىدىن جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

1992709
يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن  ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، لىۋىيە، گىۋىنېيە بىسساۋ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن باياناتىدا: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھازىرغىچە 19 دۆلەتتىن تەبرىك تېلېفونى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى يازما ھالەتتە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەھبەر دىپلوماتىيەمىزنىڭ پۇرسەتلىرىدىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون ۋە خەلقئارالىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تۆھپە قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىلىنىشنى يېڭى دەۋردىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر