چەت ئەللەردە تاشلانغان ئاۋازلار ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيەدە 28-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن چەت ئەللەردە تاشلانغان ئاۋازلار پايتەخت ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى.

1991241
چەت ئەللەردە تاشلانغان ئاۋازلار ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەللەردە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن تاشلانغان 1 مىليون 783 مىڭ 107 ئاۋاز، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۈچ ئايروپىلانى بىلەن ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى.

تاشلانغان ئاۋازلار ئالدى بىلەن يۈك ئاپتوموبىللىرىدا «ئاۋاز خالتىلىرىنى يەتكۈزۈش كومىتېتى» نىڭ ھەمراھلىقىدا، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قوغدىشى ئاستىدا چەت ئەل سايلام كومىتېتىغا ئاپىرىلدى.

چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىكىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن سايلىغۇچىلار 28-ماي ئەنقەرە ۋاقتى 17.00 گىچە تاموژنىلاردا ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر