چەت ئەللەردە تاشلانغان بېلەت سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشتى
28 – ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككى ئايلانمىسى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرى بىلەن ھەر قايسى تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى سايلام ساندۇقلىرىغا بېلەت تاشلىغۇچىلار سانى 1 مىليون 500 مىڭ 26 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى ئەلچىخانا – كونسۇلخانا ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى 20 – ماي باشلانغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.
بەزى دۆلەتلەردە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىغا بېلەت تاشلاش مۇددىتى ئاخىرلاشتى.
22 – ماي تۈركىيە ۋاقتى سائەت 23:37 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان جەرياندا تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرى بىلەن ھەر قايسى تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىغانلار سانى 1 مىليون 500 مىڭ 26 گە يەتتى.
بېلەت تاشلاش پائالىيىتى چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلاردا 24 – مايغىچە، تاموژنىلاردا 28 – ماي سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.