تۈركىيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئىز قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ لىماسسول پورتىنى زىيارەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1987930
تۈركىيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت «USS Arleigh Burke» ناملىق ​​يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئىز قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى لىماسسول پورتىنى زىيارەت قىلىشى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندا ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ھەم كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان بۇ قەدەملىرى بۇ دۆلەتنىڭ قىبرىس ئارىلىدا ئۇۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىتەرەپ مەيدانىغا زىيان سالماقتا، ھەمدە قىبرىستا كىرىزىس ئۈچۈن ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا.»

مىنىستىرلىق بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 6-فىلوتىغا قاراشلىق «USS Arleigh Burke» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئىز قوغلىغۇچى پاراخوتتىن بۇرۇن ئامېرىكانىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى پورتلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا قارىتا  بايانات ئېلان قىلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدەك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندا ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق ھەمدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان بۇ قەدەملىرى بۇ دۆلەتنىڭ قىبرىس ئارىلىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىتەرەپ مەيدانىغا زىيان سالماقتا، ھەمدە قىبرىستا كىرىزىس ئۈچۈن ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بۇ سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىمىز.»

«قىبرىستا كاپالەتچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە تۈركىيەنىڭ  ھەرقانداق شەرت – شارائىت ئاستىدا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت «USS Arleigh Burke» ناملىق ​​يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئىز قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى لىماسسول پورتىنى زىيارەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر