جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ھېچبىرى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى
تۈنۈگۈن (14-ماي) ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىرى ھېچبىرى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەھمەت يەنەر جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا نامزاتلارنىڭ يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، 28-ماي (يەكشەنبە) ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ دۆلەت ئىچىدە سايلام ساندۇقلىرىنىڭ %100 تولۇق ئېچىلغانلىقىنى، دۆلەت ئىچى سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %88.92 كە، چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %52.69 كە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ %49.51، كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ %44.88، سىنان ئوغاننىڭ %5.17، مۇھەررەم ئىنجەنىڭ %0.44 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رەسمىي بولمىغان دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن تاشلانغان ئاۋازلارنىڭ %99.86 نىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە:
جۇمھۇر ئىتتىپاقى %49.46
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %35.58
مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى %10.07
مىللەت ئىتتىپاقى %35.02
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى %25.33
ئىيى (ياخشى) پارتىيە %9.69