ئەردوغان ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇدان ئىگىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئابدۇرراھمان ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1984199
ئەردوغان ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۇداندا يۈز بەرگەن قېرىنداشلار ئارا توقۇنۇشلاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە بولغان قايغۇسى ۋە ئەندىشەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەردوغان تەرەپلەر كەڭ دائىرىلىىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاشنى قارار قىلغان تەقدىردە، سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، سۇدان خەلقىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىدە تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۇداندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، سۇداندا ئارمىيە تەرەپ بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا يۈزلەرچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر