ئوقتاي ئەنگىلىيەنىڭ بۇككىنخام ئوردىسىدا بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلېز III ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تاج كىيىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ شەرىپىگە بۇككىنخام ئوردىسىدا بەرگەن زىياپەتكە قاتناشتى.

1983318
ئوقتاي ئەنگىلىيەنىڭ بۇككىنخام ئوردىسىدا بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقتاي بۇككىنخام ئوردىسىدا پادىشاھ چارلېز تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە بارغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ شەرىپىگە بۇككىنخام ئوردىسىدا بەرگەن زىياپەت ئەسناسىدا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئوقتاي زىياپەت ئەسناسىدا ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىيقاتى، سىرىلانكا پىرېزىدېنتى رانىل ۋىكرېمېېڭخې، ماۋرىتانىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ۋەلىد شەيخ ئەلگازۋانى، كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋجوسا ئوسمانى، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتناس نائۇسېدا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ۋە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

 

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي يەنە، ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېسې، گامبىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد جاللوۋ، قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدىل بايسالوۋ، ئەزەربەيجان پارلامېنت باشلىقى ساھىببا گافاروۋا، ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنا باش مىنىستىرى رالف گونسالۋېس قاتارلىقلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوقتاي تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئەتە ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز III نىڭ ۋېستمىنىستېر ئاببېي چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر