ئەردوغان: چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن  مۇۋاپىق پەيتنى كۈتۈۋاتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، پەقەت مۇۋاپىق پەيتنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1983295
ئەردوغان: چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن  مۇۋاپىق پەيتنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تارىخىمىزدىن بۇيانقى ئەڭ  كەڭ دائىرىلىىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردۇق. بۇ دائىرىدە، گابار تېغىدا، جۇدى تېغىدا، تەندۈرەك رايونىدا ۋە بەستلەر دەرياسى بويىدا تېررورچىلارنى يوقاتتۇق.»

ئەردوغان تېررورىزم، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش نىشانىغا يېتەلمىگەن كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتە ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى؛ سۈرىيە چېگراسىدا قۇرۇلماقچى بولۇۋاتقان تېررورلۇق كارىدورىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بۇ قامالنى ئۇدا 3-4 قېتىم بىتچىت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ قامالنىڭ قالغان قىسىملىرىنىمۇ تەدرىجىي ھالدا ۋەيران قىلىمىز. جۈملىدىن چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئاخىرلاشقىنى يوق، پەقەت مۇۋاپىق پەيتنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر