تۈركىيە سېربىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە سېربىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىرى، سېربىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1983314
تۈركىيە سېربىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ بۈنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن سېربىيەدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئارقىدىن سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگراد ئەتراپىدىكى ملادېنوۋاك رايونىدا كېچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سېربىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىرى، سېربىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر