رۇمېنىيەگە «2 -بايراكتار ت ب» سېتىپ بېرىلىدۇ

يەنە بىر دۆلەتكە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى (SİHA) «2 -بايراكتار ت ب» سېتىپ بېرىلىدۇ.

1979693
رۇمېنىيەگە «2 -بايراكتار ت ب» سېتىپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايكار شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خالۇق بايراكتار قورالسىز «2 -بايراكتار ت ب» ئۇچقۇلىرىنىڭ رۇمېنىيەگە سېتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دوستلۇقىمىز ۋە ئۆزئارا ئىشەنچكە تايانغان كۈچلۈك رېشتىلىرىمىز بولغان رۇمېنىيە، يۇقىرى تېخنولوگىيەگە ئىگە <2 -بايراكتار ت ب> نى ئارمىيەسىگە سەپلىگەن دۆلەتلەر سېپىگە قېتىلدى. ھازىرغىچە 28 دۆلەتكە سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. بايكار شىركىتى رۇمېنىيە بىلەن بىللە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىككى دۆلەتكە، ناتوغا ئەزا ئۈچ دۆلەتكە سېتىپ بەرگەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. مىللىي تېخنولوگىيەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھەمدە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ قېتىمقى ئېكسپورت ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن رۇمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى رېشتىلەر تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ. ئورتاق كېلەچىكىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر