تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي تىك ئۇچار ماتورى «TS1400»  مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناق قىلىندى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى تىك ئۇچار ماتورى تۇنجى يەرلىك ئۆزگىچە تىك ئۇچار ئاپروپىلانى مۇۋەققىيەتلىك ئۇچۇردى.

1978159
تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي تىك ئۇچار ماتورى «TS1400»  مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە ئۆزگىچە تىك ئۇچار ئايروپىلانى «گۆكبەي» نىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي تىك ئۇچار ماتورى «TS1400»  بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناق ئۇچۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسمائىل دەمىر ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرىدا، «بۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرسىدۇر. ئەزىز مىللىتىمىزگە ھېيتلىق سوۋغات. تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي  ۋە تىك ئۇچار ماتورىمىز <TS1400> تۇنجى قېتىملىق سىناقتا، تۇنجى ئۆزگىچە تىك ئۇچار ئاپروپىلانىمىز <گۆكبەينى> مۇۋەققىيەتلىك ئۇچۇردى. ئىنژېنېرلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا سالامەتلىك تىلەيمەن» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر