قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 مىڭ 783 كە يەتتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا 6-فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەز لىك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 50 مىڭ 783 ئيەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1978160
قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 مىڭ 783 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان كۆچمەنلەر سانىنىڭمۇ 7302 يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر سويلۇ يەر تەۋرەش رايونىغا 81 ۋىلايەتتىن 85 مىليون پۇقرانىڭ ياردەم يەتكۈزگەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ رايوندا مەۋجۇتلىقىنى ۋە ھەممەيلەننىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان سويلۇ رايوندىكى بىنا قالدۇقلىرىنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ ھازىر  ئاپەت ۋە جىددىي  ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى «AFAD» نىڭ كونتروللۇقىدا شۇنداقلا ۋالىيلارنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «11 رايوندا 57 مىڭ بىنا قالدۇقلىرىدىن 50 مىڭى تاماملاندى. بۇنىڭمۇ كۆپىنچىسى خاتايدا ئىدى. بىز بۇ خىزمەتلەرنى ھېيتقىچە تاماملايمىز دېگەن ئىدۇق. كۆپىنچىسى خاتايدا ئىدى. جىددى چېقىلىدىغان بىنالارنىڭ ھەممىسى تاماملاندى. 10 كۈن ئىچىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىنالارنى چېقىشقا باشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر