تۈركىيە نيۇيوركتا 1915 - ۋەقەلىرى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى نيۇيوركتا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى...

1978029
تۈركىيە نيۇيوركتا 1915 - ۋەقەلىرى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى نيۇيوركتا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1915- يىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي پاكىتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تارىخىي تېزىسلىرىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

نيۇيوركتىكى «تۈركئۆيى»دە ئۆتكۈزۈلگەن «ھەقىقەت چاقىرىقى: 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ تارىخىي پاكىتلىرى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا تارىخچىلار، ئادۋوكاتلار، يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار، بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئەسىرلەر بويىچە تىنچ ياشىغان ئەرمەن جامائىتىنىڭ سالاھىيىتى، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش بىلەن باشلاندى.

سۆھبەت يىغىنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر