ئەردوغان: نىشانىمىز تۈركىيەنى 85 مىليون خەلقىمىز ئىناق ياشايدىغان ئەركىن دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ تۈركىيەنى 85 مىليون خەلق ئىناق ياشايدىغان ئەركىن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1975195
ئەردوغان: نىشانىمىز تۈركىيەنى 85 مىليون خەلقىمىز ئىناق ياشايدىغان ئەركىن دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دىيارباقىردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشى پۈتكەن ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە، نىشانلىرىنىڭ تۈركىيەنى 85 مىليون خەلق قېرىنداشلارچە  بىر گەۋدە ھالىتىدە ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىناق ياشايدىغان ئەركىن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تېرروتېرىيەدە ئاداققىچە قېرىنداشلارچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «كېلىڭلار، بىر گەۋدە ھالىتىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغان يېڭى، پۇقراۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەركىنلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ئاساسىي قانۇننى بارلىققا كەلتۈرەيلى. بۇ چاقىرىق 85 مىليون خەلقىمىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈندۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر