يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 50500 گەيەتتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ 6- فېۋرال يۈز بېرىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 50 مىڭ 500 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1974987
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 50500 گەيەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ قاھرامانماراشتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 50 مىڭ 500 گە يەتكەنلىكىنى، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن 57029 بىنانىڭ 40969 ىنىڭ  خارابىلىكىنىڭ تازىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاپەت رايونلىرىدا 66 مىڭ كونتېينېر ئۆينىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار ئارىسىدىكى 1020 كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېببىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر