تۈركىيە قاتار بىلەن بەھرەيىننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە قاتار بىلەن بەھرەيننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى قارشى ئالدى.

1974951
تۈركىيە قاتار بىلەن بەھرەيىننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر قاتار بىلەن بەھرەيننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى قارشى ئالىمىز. دۆلىتىمىز رايونىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر