چاۋۇشئوغلۇ: پەلەستىن دەۋاسىنى ھەر دائىم قوللايمىز
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسى، مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇسنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەنىڭ كەچىئۆرەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: ««رامىزان ئېيىدا ئىسرائىلىيەلىكلەر مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى، ھەرەم شەرىفنىڭ مۇقەددەسلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، ئەلۋەتتە بىز بۇنداق قىلمىشلار ئالدىدا سۈكۈت قىلمىدۇق. ھەم پەلەستىن ھەم ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن ھۇجۇملارغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز بۇ جەرياندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. قىسقىسى، بىز پەلەستىن دەۋاسى، مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇسنى ھەر دائىم قوللاپ كەلدۇق. بۇ سەزگۈرلۈكىمىز ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ.»
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكا ئەللىرىگە قاراتقان ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقان، قۇدرىتىنى نامايان قىلىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.