مۇستاپا شەنتوپ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇملىرىغا لەنەت ئوقۇدى

مۇستاپا شەنتوپ تەكىرداغ (تەكىرتاغ) دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالدى.

1972080
مۇستاپا شەنتوپ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇملىرىغا لەنەت ئوقۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر رامىزان ئېيىدا بۇ زۇلۇم ۋە رەھىمسىزلىكنى راۋا كۆرۈۋاتقان ئىسرائىلىيەگە لەنەت ئوقۇيمەن» دېدى.

مۇستاپا شەنتوپ تەكىرداغدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، رامىزاندا ئازابلىق ۋەقەلەرنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇستاپا شەنتوپ بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقسادا ۋە قۇددۇستا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنداقلا پەلەستىنلىك قېرىنداشلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئازابلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر رامىزان ئېيىدا بۇ زۇلۇم ۋە رەھىمسىزلىكنى راۋا كۆرۈۋاتقان ئىسرائىلىيەگە لەنەت ئوقۇيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر