ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات 7 – ئايرودۇرۇم بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «2022-يىلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات 10 ئايرودۇرۇم» تىزىملىكىدە 7 – رەتكە تىزىلدى.
1971008
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى مۇلازىمەت گۇرۇھى İGA نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئايرودۇرۇمىمىز خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشى ئېلان قىلغان «2022-يىلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات 10 ئايرودۇرۇم» تىزىملىكىدە 7 – رەتكە تىزىلدى. ئايرودۇرۇمىمىز 2022-يىلى 64 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋالدى. بىزنى تاللىغان بارلىق يولۇچىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.»
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇ تىزىملىكتە ئاتلانتا، داللاس، دېنۋېر، چىكاگو، دۇبەي ۋە لوس ئانژېلېس ئايرودۇرۇملىرىدىن كېيىن 7 - رەتكە تىزىلدى.