چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خائاۋىستو بىلەن تېلېفونلاشتى.
1967948
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك مەنبەلەر، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مىنىستىر پېككا خائاۋىستو تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار ھۆججەتنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.