ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى فېۋرال ئېيىدا 1269 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

1962296
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL)  فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ھاۋا قاتنىشى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا قارىغاندا، تۈركىيە ئايرودۇرۇملىرى  فېۋرال ئېيىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2384 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە 7 –بولغان.

بۇ مەزگىلدە ئۇچۇش سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىچىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1309 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 2 -، پېگاسۇس ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 386 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 11 – بولغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1269 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 538 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە 14 – بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر