قالىن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىبراھىم قالىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، كونگرە بىناسىدا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1960608
قالىن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىبراھىم قالىن ئۆتكەن يىلى (2022) ئىيۇلدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ پىشقەدەم كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسى گراھام (Lindsay Graham) نى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن باشلىنىدىغان ياخشىلاش ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇش مۇساپىسى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىڭ ئالدىدىكى توسقۇنلۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتى، ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنى ئۇزارتىشتا تۈركىيەنىڭ رولى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر