يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 47 مىڭ 932 گە يەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەر سانى، كىملىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلار سانى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1958157
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى   47 مىڭ 932 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 47 مىڭ 932 گە يەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 6265 نەپىرىنىڭ چەت ئەل پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۈنۈگۈن چاقىرىلغان مالاتيا ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ: «ھازىرغىچە 47 مىڭ 932 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى تىزىمغا ئېلىندى. بۇلارنىڭ 6265 نەپىرى چەت ئەل پۇقراسى بولۇپ، بۇلار سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى. نۆۋەتتە DNA سى ۋە بارماق ئىزى ئېلىنغان 1619 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر