شىرناقتا پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش – 26» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.
1957163
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 540 ھەربىي خادىم قاتناشماقتا.
قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئالاھىدە ئەترەتلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بەستلەر – دەرەلەر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 8 ئۆڭكۈر ۋە 11 پاناھلىنىش ئورنى ئېنىقلاپ چىقىلدى.