ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم» بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇملار» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

1956671
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشى بىلەن ساياھەت تېخنولوگىيەسى شىركىتى «Amadeus» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇملار» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشىنىڭ ASQ پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 2022-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 465 مىڭ ئادەم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، ئايرودۇرۇملارنى ئىشلىتىۋاتقان يولۇچىلاردىن ئايروپىلانغا چىقىش، يول باشلاش قولايلىقى، پاكىزلىق، بىر نەرسە سېتىۋېلىش ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدا سوئال سورالغان.

راي سىناش نەتىجىسىدە، تۈركىيەدىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يىلىغا 40 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە كۈتۈۋالىدىغان ئەڭ ياخشى 10 ئايرودۇرۇم قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى دۇنيادىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ پاكىز ئايرودۇرۇملارنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان.

خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشىنىڭ مۇكاپاتلىرى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىنچون شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «خەلقئارا ئايرودۇرۇملار كېڭىشىنىڭ يەر شارىۋى خېرىدارلار تەجرىبىسى» يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تارقىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر