تۈركىيە ئامېرىكانىڭ «تېررورىزم دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلىدىكى تېررورىزم دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈردى.

1954238
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ «تېررورىزم دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈردى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورىزم دوكلاتى توغرىسىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ <تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلىدىكى تېررورىزم دوكلاتى> دا دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشى قەستەن بۇرمىلانماقتا.»

تانجۇ بىلگىچ تۈركىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ، د ھ ك پ- ج، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى قانۇن ئاساسىدا قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ساھەدە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلگىچ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى بولغان ئاتالمىش «س د گ» نىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى شېرىكى» تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ «ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشلىتىشنىڭ خاتالىقىنى تېخىچە چۈشىنىپ يېتىلمىگەنلىكى» نىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ دوكلاتتا بىر تەرەپلىمە ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئورۇن بېرىلىشىنىڭمۇ «باشقىچە بىر خىل بىمەنىلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە 2016 - يىلىدىكى قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىنىڭ جاۋابكارى بولغان ۋە ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر دۆلەتتە جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ماھىيىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت دەلىل – ئىسپاتلىرىغا ئاساسەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرى نەتىجىسىدە ئىسپاتلاندى. شۇ ۋەجىدىن، دوكلاتتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك دەپ سۈپەتلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز دۆلىتىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشىدۇر.»

بىلگىچ دوكلاتتا يەنە، «ھېچ مەنبەسى بولمىغان ۋە بىر تەرەپلىمە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغان» دەۋالارغا ئورۇن بېرىلىشىنىڭمۇ دوكلاتنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا گۇمان تۇغدۇرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىتتىپاقداشلىق روھى بويىچە ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە پىرىنسىپلىق، بىردەك، كەسكىن ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر