يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 44 مىڭ 218 گە يەتتى

6 – فېۋرال تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 44 مىڭ 218 گە يەتتى.

1951346
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى   44 مىڭ 218 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافاد، 6 – فېۋرال يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقىدىكى يەر تەۋرەشلەردە 44 مىڭ 218 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چوڭ يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن 9136 قالدۇق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن ئاپەت رايونىدا 11 مىڭ 424 نەپىرى كەسپىي ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىمى بولۇپ، جەمئىي 239 مىڭ 977 كىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارغا 335 مىڭ 382 چېدىرنىڭ تىكلەنگەنلىكى، 10 ۋىلايەتتىكى 130 يەردە كونتېينېر شەھەر بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر