ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى جەھەتتە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى.

1948749
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 13—فېۋرالددىن 19 – فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇچۇش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك 1280 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغان.

دوكلاتقا قارىغاندا، ئىستانبۇل  ئايرودۇرۇمىدىن كېيىن، لوندون خىتروۋ ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك 1152 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئىككىنچىلىككە، پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى 1121 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئۈچىنچىلىككە، ئامىستېردام ئايرودۇرۇمى 1051 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن تۆتىنچىلىككە، مادىرىد ئايرودۇرۇمى 993 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن بەشىنچىلىككە ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر