يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 40 مىڭ 642 گە يەتتى

6 – فېۋرال قاھرامانماراشتا مەيدانغا كېلىپ 11 – ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقىدىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 40 مىڭ 642 گە يەتتى.

1948149
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى   40 مىڭ 642 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى — ئافاد باشلىقى يۇنۇس سەزەر بايانات ئېلان قىلىپ، «30 مىڭ 642 پۇقرايىمىز قازا قىلدى. ئىزدەش -  قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئەتە كەچتە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ھازىر خىزمەتلەر خاتايغا مەركەزلەشتى؛ 13 مىڭغا يېقىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىمىمىز ئۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ» دېدى.

بۇ جەرياندا سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا خاتايدىكى ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە، يەر تەۋرەش رايونىدىكى سەھىيە خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، خاتايدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلىنىپ بالنىستقا  ئېلىنغان بېمارلار سانىنىڭ 6108، باشقا ۋىلايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەندە 21 مىڭ 859 ئىكەنلىكىنى، 13 مىڭ 612 كىشىنىڭ داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، قۇرۇلۇق ئارمىيە قىسىملىرى قوماندانى مۇسا ئايسەۋەر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانتاكيادىكى تۈركىيە ئارمىيەسى ئالاقە ئىشخانىسىغا بېرىپ، پوستتا تۇرۇش، چارلاش، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە ھەمدەم بولۇش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر