يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 39 مىڭ 672 گە يەتتى

6 – فېۋرال مەيدانغا كېلىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 39 مىڭ 672 گە يەتتى.

1948002
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى  39 مىڭ 672 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئاپەتنىڭ 12 – كۈنىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 39 مىڭ 672 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 108 مىڭ 68 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغان بىنا سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سويلۇ باياناتىدا يەنە، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر