ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى كومسىكنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زېلجكو كومسىك بىلەن كۆرۈشتى.

1947933
ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى كومسىكنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرمەكتە، تۈركىيەدىن ھال سورىماقتا ۋە يار – يۆلەكتە بولىدىغانلىقلىرىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە زىيارەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زېلجكو كومسىكمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زېلجكو كومسىكنى ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر