تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 38 مىڭ 44 كە يەتتى

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن 7.7، 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 38 مىڭ 44 كە يەتتى.

1947559
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 38 مىڭ 44 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 38 مىڭ 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 108 مىڭ 68 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپەت رايونلىرىدا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر