تۈركىيە مېكسىكانىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنى دەۋالىرى» قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرگە  مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش «ئەرمەنى دەۋالىرى» نى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1944837
تۈركىيە مېكسىكانىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنى دەۋالىرى» قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرگە  مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش «ئەرمەنى دەۋالىرى» نى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان  قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ماقۇللىغان ۋە 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> دەپ ئېتىراپ قىلىپ ماقۇللىغان بۇ قارار، سىياسىي مۇددىئا بىلەن تارىخنى قايتا يېزىشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسى بولۇپ، ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر. بىز بۇ قارارنى رەت قىلىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ تارىخنى ئىزاھلاش ۋە بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوقتۇر.»

باياناتتا، بۇ تەشەببۇسنىڭ، 1948-يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى (ECHR) نىڭ «1915-يىلدىكى ۋەقەلەر قانۇنلۇق تالاش – تارتىشلىق مەسىلە» دەپ بېكىتىلگەن قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، بۇ خەتەرلىك قارارنىڭ مېكسىكادىن كەلگەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلشىدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى، بۇنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ تۈركىيە – مېكسىكا دوستلۇقىغا ياراشمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنى تارىختىن دۈشمەنلىك يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەزى كۈچلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشكەم چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر