ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىرتەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى» رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېرورچى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىرتەرەپ قىلىندى.
1941990
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىيىن ھاۋارايى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتلارغا قارىماي، پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، بۇ قېتىم رايوندا يەنە 2 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە ئوخشاش رايوندا يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 7 گە كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، «قار، بوران-چاپقۇنلارغا قارىماستىن، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە ئىپتىخار بىلەن سالام بېرىمىز» دېيىلدى.