تۈركىيە سېربىيەگە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئالدىنقى ئايدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان سېربىيەنىڭ نوۋى پازار شەھىرىنىڭ ئاپەتكە قارشى كۈرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلدى.

1941522
تۈركىيە سېربىيەگە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئۈسكۈنىلەر، تۈركىيەنىڭ بېلگراد باش ئەلچىسى ھامى ئاقسوي تەرىپىدىن، سېربىيەنىڭ نوۋى پازار شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

باش ئەلچى ئاقسوي بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، سېربىيەنىڭ سانجاق رايونى ۋە خەلقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياردىمىگە ھەردائىم ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نوۋى پازارنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى نىھاد ھەسانوۋىچ بولسا، تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن بارلىق ئاپەتلەردە ياردەمگە كەلگەن تۇنجى دۆلەت بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر