ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

ئىتالىيەدە دىجىتال سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىدىغان بىر فوندى جەمئىيەتنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

1939089
ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە دىجىتال فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دىجىتال كۆزىتىش» دوكلاتىنى مەنبە قىلغان ئىتالىيە «ANSA» ئاگېبنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېيسبۇك، ئىنستاگرام ۋە تۋىتتېرنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتتا، 24 دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرى تەھلىل قىلىنغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ تەقىپ قىلىنغان دۇنيا رەھبەرلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بولغان.

دىجىتال كۆزىتىش فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ساندرو گىئورگېتتى بەرگەن باياناتىدا: «رەھبەرلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈچ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، بايدىننىڭ 66 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ 40 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بىلەن ئىككىنچى ۋە زېلېنسكىينىڭ 27 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بىلەن ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما زېلېنسكىي دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا بولغان قىزىقىشى سەۋەبىدىن باشقا ئىككى رەھبەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئەگەشكۈچىلەرگە ئىگە» دېگەن.

ساندرو گىئورگېتتى ئەردوغان بىلەن زېلېنسكىينىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلار ئېلان قىلغان ھەر بىر يازمىنىڭ ئايرىم مەستانىلەرنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋانىڭمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ ئاكتىپ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ساندرو گىئورگېتتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇلارنىڭ ئارقىدىن رەت بويىچە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ ئەس سىسى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان رەھبەرلەر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر