سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1935947
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تەلرىفئەتتىن ئونجۈپنار چېگرا رايونلۇق قاراۋۇلخانىسى ساھەسىگە راكېتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇم ئەسناسىدا تۈركىيە قىسىملىرىدا زىيان مەيدانغا كەلمىگەنلىكى، ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورلۇق نىشانلىرىغا قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە كۈچلۈك شەكىلدە زەربە بېرىلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرىمىز ئارقىلىق تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارىتاكۈچلۈك زەربە بېرىش داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھېچقانداق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى جاۋابسىز قالدۇرمىدۇق ۋە قالدۇرمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر