ئەردوغان: گىرېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرى رايوننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يەتمەيدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىسنىڭ سۆزلىرىنىڭ رايوننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1935819
ئەردوغان: گىرېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرى رايوننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە بەزى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق ھەم <لوزان كېلىشىمى> ھەم باشقا كېلىشىملەرگە خىلاپ قەدەملەرنى تاشلىماقتا. گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىسنىڭ سۆزلىرى بولۇپمۇ رايوننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يەتمەيدۇ.»

مىچوتاكىس، شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئەسناسىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قاتار جىددىيچىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ «ئەگە دېڭىزى» ۋە «شەرقىي ئاقدېڭىز» نى باشقۇرۇش ھوقۇقى ساھەلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز تۈركىيە بىلەن ئەقىللىق چوڭلارغا ئوخشاش سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىق مەسىلىمىزنى ھەل قىلالىشىمىز كېرەك.»

مىچوتاكىس، يېقىندا ھەم گىرېتسىيە ھەم تۈركىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مېنىڭچە، جىددىيچىلىكلەرنى ئازايتىش، ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە خىزمەت ئىشلەش، ئىختىلاپلىرىمىز كۆرۈلگەندە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارە - تەدبىرلىرى بار» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەردوغان، «‹The Economist› ژۇرنىلى» نىڭ تۈركىيەدىكى سايلامغا مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىك مۇقاۋىسى توغرىسىدىكى سوئالغا، «تۈركىيەنىڭ تەقدىرىنى ئەنگلىيەنىڭ بۇ ژۇرنىلى بەلگىلىيەلەمدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ تەقدىرىنى ئەزىز خەلقىم (تۈركىيە خەلقى) بەلگىلەيدۇ. ئەزىز خەلقىم نېمىنى خالىسا، تۈركىيەدە شۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر