«پەنچە قۇلۇپ»  ھەربىي ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 506 تېررورچى بىتەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى 2022 - يىلى 17 – ئاپرېلدا باشلانغان  «پەنچە قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى» دە ھازىرغىچە 506 تېررورچى بىتەرەپ قىلىندى.

1932759
«پەنچە قۇلۇپ»  ھەربىي ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 506 تېررورچى بىتەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى پۇقرالارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا تېررورچىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىغان «پەنچە قۇلۇپ» ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ھەرىكەت دائىرىسىدە، بۈگۈنگە قەدەر 506 تېررورچى بىتەرەپ قىلىندى. تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان 575 ئۆڭكۈر ۋە پاناھجاي بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ھەرىكەتتە، 2002 دانە مىنا ۋە قولدا ياسۋىلىنغان پارتىلاتقۇچ، 1182 قورال ۋە 538 مىڭ 413 ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەھمەتچى ئەسكەرلەرنىڭ قىيىن ھاۋارايى ۋە مۇرەككەپ چۇغراپىيەلىك  شارائىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى نەخ مەيداندىن كۆرىشى ئۈچۈن ئاخباراتچىلارغا مەخسۇس ساياھەت پروگراممىسى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاخباراتچىلار ھاككارىدە چېگرانىڭ نۆل نۇقتىسىدا، يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 2050 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوقىدىن تېررورچىلار تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي قورال سىستېمىلىرى بىلەن پاچاقلانغان پەيتلىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر