چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابى كۈچلەر مىللىي ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى سالىم ئەل مۇسلات، سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتى رەئىسى بەدىر جامۇس ۋە سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئابدۇراخمان مۇستافا بىلەن كۆرۈشتى.

1927542
چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ،  «سۈرىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتۇق. ب د ت نىڭ 2254 - نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى ۋە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن 2015 - يىلى دېكابىردا ھەممىنىڭ تەڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەستىقلانغان 2254 - نومۇرلۇق قارار، سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جىددى ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسىي مۇزاكىرىلەرنى باشلاش، ئىككى يىل ئىچىدە «ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى» قۇرۇش ۋە ئاندىن سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر