سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى رېكورت ياراتتى

ئىستانبۇلدىكى سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدا 24 – دېكابىر كۈنى چەت ئەلدىن كەلگەك يولۇچىلار سانى 29 مىڭ 162 كىشىگە يېتىپ، تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.

1924321
سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى رېكورت ياراتتى
sabiha gokcen.jpg
sabiha gokcen.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ،  يېڭى يىللىق دەم ئېلىش بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ساياھەتكە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.

يېڭى يىل دەم ئېلىشىنى تۈركىيەدە ياكى ئىستانبۇل ئارقىلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار، سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى تاشقى لىنىيە يولۇچىلار سانىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى تاشقى لىنىيەسىدە، 24 – دېكابىر (2022) كۈنى چەت ئەلدىن كەلگەك يولۇچىلار سانى 29 مىڭ 162 كىشىگە، تاشقى لىنىيەدىن چەت ئەلگە ئۇچقان يولۇچىلار سانى بولسا 26 مىڭ 582 گە يەتتى.

شۇنىڭ بىلەن، 24-دېكابىر تاشقى لىنىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولغان يولۇچىلار سانى 55 مىڭ 744 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر