شىرناقتا يەنە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

شىرناقتا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1914173
شىرناقتا يەنە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش كۈز – قىش 15» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، شىرناقنىڭ «گابار تېغى» رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت  داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 3 تېررورچى، قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «سەل كېچىكىپ قالدى، ئەمما ئۈنۈملۈك بولدى. قوراللىق ساقچى ۋە ساقچى ئىستىخباراتلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئاتاق ۋە ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىمىزنىڭ توقۇنۇش ساھەسىدىكى قەھرىمانلىقى نەتىجىسىدە، شىرناقنىڭ <گابار تېغى> رايونىدا يەنە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلار ئۈزۈل – كېسىل يوقىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر