ئەردوغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن بېشارەت بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە تەلرىفئەت، مۇنبىچ ۋە ئەين ئەلئەرەب رايونلىرىدا قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەت بەردى.

1910045
ئەردوغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن بېشارەت بەردى
erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، مۇنداق دېدى: «سۈرىيە چېگرا لىنىيەلىرىگە قارىتا ئەھدىمىزگە كېلىشىم بويىچە ۋاپا قىلدۇق، قارشى تەرەپتىكىلەر كېلىشىمگە رىئايە قىلمىسا، بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھوقۇقىمىزنى ئىشقا سېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى، دېگەنلىكتۇر.»

ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش مەقسىتىدە باشلانغان «پەنجە – قىلىچ» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن، توپلار بىلەن، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز پەقەت باشلانغۇچتۇر. سۈرىيەدە تەلرىفئەت، مۇنبىچ ۋە ئەين ئەلئەرەب رايونلىرىنى تېررورچىلاردىن تازىلايمىز. ھاۋا ھۇجۇملىرىمىز داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئەڭ مۇۋاپىق پەيتتە قۇرۇقلۇقتىنمۇ تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلايمىز. تاش تونېللىرى تېررورچىلار ئۈچۈن مازارغا ئايلىنىدىغان كۈن يېقىن. ئىراق ۋە سۈرىيە ھۆكۈمەتلىرى تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جايلارغا قارىتا بىئاراملىق ھېس قىلمىسۇن. چۈنكى، بىزنىڭ تاشلاۋاتقان قەدەملىرىمىز ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىمۇ كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر