ئەردوغان قاتاردا بىر قىسىم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشى دائىرىسىدە بېرىلگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە بىر قىسىم رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1908532
ئەردوغان قاتاردا بىر قىسىم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن كەچتە (20-نويابىر) يېتىپ بارغان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ئەلبەيت تەنتەربىيە زالىدا بېرىلگەن زىيارەتتە، بىر قىسىم رەھبەرلەر بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلەشتى.

ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، دۇبەي ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەكتۇم، كۇۋەيت ئەمىرى تەخت ۋارىسى شاھزادە مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گىئاننى ئىفانتىنو قاتارلىقلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىسقىچە سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر