مۇستافا شەنتوپ 20 - نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ 20 - نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1908574
مۇستافا شەنتوپ 20 - نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنىڭ ھەر بىر بالىنىڭ ھوقۇقى، خۇشاللىقى، بەخت-سائادىتى ۋە ئالىي مەنپەئەتى ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلىنماستىن قوغدالغان، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى غايىسى بولغان بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇچۇرىدا: «قۇرۇلۇشىنى بالىلارغا سوۋغا سۈپىتىدە ھەدىيە قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىز، دۆلىتىمىز ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىمىز دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ تىنچلىقى، ساغلاملىقى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەمىشە بالىلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغان كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر